«خىتاي دېموكراتىيە ئۇپۇقى» ناملىق خەلقئارا يىغىن 2-ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئېچىلىدۇ. 3 كۈنلۈك يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللەر نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى، ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان قاتنىشىدۇ. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن يىغىندا، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ئاساسى»دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى، خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بۇنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
بۇ يىغىننى خىتاي دېموكراتىيە مۇنبىرى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلى ۋە ئامېرىكا نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىرگە تەشكىللىگەن. يىغىندا بەزى ئامېرىكىلىقلار ۋە ۋېي جىڭشىڭ، چېن پوكوڭ، خياڭ شياۋجى، ۋاڭ جۈنتاۋ، خۇاڭ سىپىڭ، تېڭ بياۋ قاتارلىق خىتاي ئۆكتىچىلەر نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
نيۇ شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، مەزكۇر يىغىننىڭ باش رىياسەتچىسى شيا مىڭ، رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، بۇ يىغىننىڭ خىتايدا دېموكراتىيە تەرەققىياتى ئارقىغا چېكىنىشتەك بىر ۋەزىيەتتە چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يىغىندا «خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ-يوق» دېگەن مەسىلە مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئاز سانلق مىللەت ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي نۇقتىئىنەزىرى، رايون نۇقتىئىنەزىرىدىن دېموكراتىيەلىشىش جەريانىنى ئانالىز ۋە تەھلىل قىلىدىكەن. شيا مىڭ، بۇ يىغىن ھازىرغىچە ئېچىلغان كۆلىمى ئەڭ زور يىغىنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.