مۇستەقىللىق گېزىتى: «دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىشقا يەنە داۋاملىق كۆز يۇمماسلىقى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.14

گۈلناز ئۇيغۇر ئىسىملىك بىر يازغۇچى ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ 13‏-يانۋار سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيانى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا يەنە داۋاملىق كۆز يۇمماسلىققا چاقىرغان. ئۇ ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن خەۋەردار كىشىلەر ۋە ياكى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنى ناھايىتى ئازدەك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھازىر جىم ئولتۇرۇش ۋاقتى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك كىشىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى ئۆز كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ياكى ھەر ئىككىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى بىر پاكىت ئىكەن. ئۇ ماقالىسىدە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن پائالىيەتچىلەرنىڭ تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەل دىپلوماتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى جايلارنى نىشانلىق زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، دۇنيا رەھبەرلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ ساختىپەزلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گۇلناز ئۇيغۇر: «بىز، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىشقا يەنە داۋاملىق كۆز يۇمساق بولمايدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە يەنە ئەنگلىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم تۇگېنھاتنىڭ يېقىندا قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى تەنقىدلىگەن. توم تۇگېنھات يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر گۇۋاھلىق يىغىنىدا: «خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى جىھاتچىلىقنىڭ قوزغىلىشىغا يول ئېچىپ، بۇ ناھايىتى تېزلا بىزگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن» دېگەن ئىدى. ئاپتور ماقالىسىدە تۇگېنھاتنىڭ سۆزى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى، «ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسلام مەسىلىسى ئەمەسلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى نوقۇل دىنىي ئېتىقادنى قوغداش مەسىلىسى، دەپ قارالماسلىقى، بەلكى تىنچ ياشاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بىر خەلقنى قوغداش مەسىلىسى، دەپ قارىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ بىز ئۈچۈن دەس تۇرۇشىنى، لېكىن بۇنى بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئىنسان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن قىلىشىنى ئىستەيدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ بىر تۈركۈم ئىنساننى يوق قىلىشىغا يول قويۇلسا، بىزنىڭ ھوقۇقىمىزنى قوغداشنى تەكىتلەپ كەلگەن ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلار مەغلۇپ بولغان بولىدۇ». كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.