ۋاڭ لىشيوڭ: «شىنجاڭدىكى ئاساسلىق خېيىم-خەتەر نېمە؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى ۋاڭ لىشيوڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس ئوبزور يېزىپ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى ئېلان قىلغان 1-ئىيۇلدىكى ئوبزوردا ۋاڭ لىشيوڭ نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ھازىر تولىمۇ خەتەرلىك بىر باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزگۈچى ئاساسلىق ئامىل مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» دېگەن ئۆلچەمگە ئەمەل قىلغان ھالدا سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولۇشى مەۋجۇت ئەمەس. دېمەك بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار «بۆلگۈنچى» ۋە «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى» قىلىپ قويۇلغان. يەنە بىر ياقتىن خىتاي پۇقرالىرى سىياسەت جەھەتتە ھۆكۈمەتنى تولۇق قوللايدۇ. ھەتتا بىڭتۇەنلەردىكى نامرات دېھقان ئىشچىلارمۇ ئادەتتە شىللىسىگە مىنىۋالغان پارىخور ئەمەلدارلاردىن زار-زار قاقشىغان بىلەن، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش توغرا كەلگەندە دەرھاللا يەڭ شىمايلاپ ئوتتۇرىغا چۈشەلەيدۇ.

ۋاڭ لىشيوڭ بۇ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ «مىللىي مەسىلىنىڭ ئىرقىي مەسىلىگە، سىياسىي زۇلۇمنىڭ مىللىي زۇلۇمغا ئايلىنىپ كېتىشى ئەڭ خەتەرلىك ئۆزگىرىش» دەپ كۆرسىتىدۇ. چۈنكى سىياسىي زۇلۇمنى سىياسىي جەھەتتىكى ئىسلاھات بىلەنلا ئوڭلاپ كەتكىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار «بۇ زۇلۇم خىتايلاردىن كېلىۋاتىدۇ» دەپ قارايدىغان باسقۇچقا بارغاندا بۇ خىل «مىللىي زۇلۇم» چۈشەنچىسىنى سىياسىي ئىسلاھات بىلەن ئوڭشاش مۇمكىن بولمايدۇ. ئەكسىچە پەقەت مىللىي مۇستەقىللىق يولىلا بۇ زۇلۇمنى تۈگىتىشتىكى بىردىن بىر چارە بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق نارازىلىق پىكىرى ياكى ھەرىكىتى دەرھاللا «تېررورلۇق» قا باغلىنىپ باستۇرۇپ تاشلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەرقانداق نارازىلىقنى بىخ ھالىتىدىلا يوق قىلىۋېتىشكە ئالدىرايدۇ. بۇ بولسا كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ. يەنە بىر ياقتىن خىتاي دائىرىلىرى «ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە بازار قويماسلىق» دېگەننىمۇ بازارغا سېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارغا سىياسىي ھوقۇق بەرمەسلىك ۋە بارچە ئىقتىسادىي كونتروللۇق خىتايلارنىڭ قولىدا بولۇشتەك بۇ چوڭ ئەندىزە ئۆزگەرمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەسىلىلەر ھەل بولمايدۇ.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا «سان ئۆزگىرىش سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەندەك بۇ ھال داۋام قىلىۋەرسە «سەۋرى قاچا» نىڭ تېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ پەلەستىنگە ئوخشاش ئاخىرى چىقماس جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت