11-نويابىر كۈنى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ھازىرقى زامان خىتاي مىللىي ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى سۇن جۇڭشەن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى ۋە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
شى جىنپىڭ سۇن جۇڭشەننى خىتايدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مىللىي قەھرىمان، بۈيۈك ۋەتەنپەرۋەر ۋە جۇڭخۋا مىللىتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى دەپ تەرىپلىگەن. كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ سۇن جۇڭشەنگە بەرگەن بۇ باھاسىنىڭ ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد داھىيسى ماۋ زېدوڭغا بەرگەن باھاسىدىنمۇ كۆپ دەرىجىدە يوقىرى بولغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.
شى جىنپىڭنىڭ سۇن جۇڭشەننى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى خىتاينىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكى مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «سۇن جۇڭشەن ئەپەندى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى تەكىتلەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرغان بىر بۈيۈك شەخس. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، زېمىن پۈتۈنلىكىنى ساقلاش ھەمدە دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىدەك تارىخىي تراگېدىيەگە ئەسلا يول قويماسلىق بىزنىڭ تارىخ ۋە خەلققە بەرگەن ئەڭ ئۇلۇغۋار ۋەدىمىزدۇر. بىز ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە ھەرقانداق پارتىيە-گۇرۇھنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن دۆلەت زېمىنىنىڭ ھەرقانداق بىر پارچىسىنى جۇڭگودىن بۆلۈپ چىقىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.»
تارىخچىلار، سۇن جۇڭشەننىڭ خىتاي ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر خىتاي مىللەتچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتايغا 300 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مانجۇلارنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى سەددىچىننىڭ شىمالىغا قوغلىۋېتىش ھەققىدە تەرغىبات ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھالبۇكى، شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە سۇن جۇڭشەننى كۆككە كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قايتا تەكىتلىشى خىتايدا كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىگە قارىغاندا خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئاساسىي ئېقىمنى ئىگىلەۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.
