خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 6-مايدىن 10-مايغىچە فىرانسىيە، سېربىيە ۋە ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى ياۋروپاغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلانماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە قىلىدىغان بۇ زىيارىتىدە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرى كۈنتەرتىپتىكى نۇقتىلىق تېمىلار بولىدىكەن. بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ قېتىمقى زىيارەتتە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ شى جىنپىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ بەدىلىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 3-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ماكرون ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشنىڭ پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ماكروننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئېغىر دەپسەندىچىلىكنىڭ بەدىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.
باياناتتا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇۋەققەت دىرېكتورى مايا ۋاڭ «پىرېزىدېنت موكرون شى جىنپىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر خىتاينىڭ فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە بەدەل بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىشى كېرەك» دېگەن. مايا ۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، فىرانسىيەنىڭ سۈكۈت قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.
باياناتتا، ماكروننىڭ شى جىنپىڭنى «شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە خاتىمە بېرىش، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇت، ئىقتىسادشۇناس ۋە ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى قاتارلىق خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قامالغان مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى» تەلەپ قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيەدىكى «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» 3-ماي كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ماكروننىڭ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
