شى جىنپىڭ بىلەن ماكروننىڭ سۆھبىتىدە سودا ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى نۇقتىلىق سۆھبەت تېمىسى بولدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون فرانسىيەدە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن 6-ماي (دۈشەنبە) كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۆھبەتتە سودىدىكى ئىختىلاپ، جۈملىدىن فىرانسىيە كونياكىغا باج قويۇشنى بىكار قىلىش ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ماكروننىڭ نۇقتىلىق سۆھبەت تېمىسى بولغان. ماكرون سۆھبەتتىن كېيىن شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «بىز خىتاينىڭ موسكۋاغا تەسىر قىلىش كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز» دېگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ماكرون 5-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما 6-ماي كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق فىرانسىيە زىيارىتى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى، فىرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق بىرلىكى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ماكروننى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ‍ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى پارىژدىكى مادۆلەن مەيدانىدا ماكروننىڭ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پارىژنىڭ زەپەر دەرۋازىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، شى جىنپىڭنى «ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە خىتاي تۈرمىلىرىدىكى 119 نەپەر ژۇرنالىستنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماكرون 6-ماي مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ (رۇسىيەگە) ھېچقانداق قورال ساتماسلىق ۋە ياردەم بەرمەسلىك ۋەدىسىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن، شۇنداقلا ماكرون يەنە پۇقراۋى ۋە ھەربىي مەقسەت ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولىدىغان قوش بىسلىق مەھسۇلات ھەم تېخنولوگىيەنى «قاتتىق كونترول قىلىش» ھەققىدىكى ۋەدىسىنىمۇ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ‍ئۆتكەن يىلىمۇ يۇقىرىقى چاقىرىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ ئەمەلىيلەشمىگەن ئىكەن.