شى جىنپىڭنىڭ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئېتنىك خىتايلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» ھېسابلىشى تالاش-تارتىش قوزغىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.03.25

خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئېتنىك خىتايلارنى بىردەك «جۇڭخۇا مىللىتى» ھېسابلاپ، ئۇلارنى خىتاي خەلقى بىلەن «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا رول ئويناشقا» چاقىرىشى، ئەندىشە ۋە تالاش-تارتىش قوزغىغان.

«ئەل جەزىرە» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خىتايلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى»ھېسابلاپ، «بېيجىڭنىڭ ھېكايىسى» نى سۆزلەشكە چاقىرىشى، شۇنداقلا خىتاي پۇقراسى بولغان خىتايلار بىلەن خىتاي پۇقراسى بولمىغان خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى مۈجمەللەشتۈرۈشى، باشقا دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋدىن باشقا دۇنيادىكى 200 دەك دۆلەتتە 60 مىليوندەك ئېتنىك خىتاي ياشايدىكەن.

«ئەل-جەزىرە» نىڭ خەۋىرىدە، سىنگاپورنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى سىنگاپوردا ياشاپ كەلگەن داڭلىق خىتاي تىجارەتچى چەن مەنپىڭنى بۇ يىل 2-ئايدا «نۇقتىلىق سىياسىي شەخس»دەپ بېكىتىشى، بۇ مەسىلىگە بولغان دىققەتنى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتىكى مۇنازىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

«ئەل-جەزىرە» نىڭ قەيت قىلىشىچە، چەن مەنپىڭ سىنگاپور تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئىزچىل بېيجىڭنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ، سىنگاپورلۇقلارنى ئاتالمىش «غەربنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرلىرى» غا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ كەلگەن. «ئەل-جەزىرە» نىڭ دېيىشىچە، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئېتنىك خىتايلاردىن نۇرغۇن كىشى بېيجىڭنىڭ قارىشىغا قوشۇلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى ئېتنىك خىتايلارغا خىتاي پۇقراسىدەك مۇئامىلە قىلىشى، چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن ئېتنىك خىتايلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا ئىكەن. بۇ مەسىلە يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ پارچىسى، دەپ چۈشەندۈرۈشى بىلەن بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭمۇ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. «ئەل- جەزىرە» نىڭ قەيت قىلىشىچە، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئېتنىك خىتايلارنى خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاش ھېسابلاش مانجۇ ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن باشلىنىپ، جۇڭخۇا مىنگو ۋە كوممۇنىست خىتاي دەۋرىدىمۇ داۋاملاشقان، بۇ دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىكى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن كېيىن بىر مەھەل پەسەيگەن بولسىمۇ، بىراق شى جىنپىڭ دەۋرىدە قايتا باش كۆتۈرمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.