خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئىيۇلدىن 6-ئىيۇلغىچە قازاقىستان ۋە تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولىدىكەن
2024.07.01
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئىيۇلدىن 6-ئىيۇلغىچە قازاقىستان ۋە تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولىدىكەن، شۇنداقلا بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە قازاقىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى بېيجىڭ دائىرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتا دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلماقتا. شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا شىئەندە ئۆتكۈزگەن باشلىقلار يىغىنىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چاقىرغان ئىدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 30-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاستانادا ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 24-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى»، شۇنداقلا قازاقىستان بىلەن تاجىكىستاندا دۆلەت زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خۇا چۈنيىڭ، شى جىنپىڭنىڭ 2-ئىيۇلدىن 6-ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى قازاقىستان ۋە تاجىكىستان زىيارىتىنىڭ پىرېزىدېنت توقايېف بىلەن پىرېزىدېنت ئىمام راھماننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن زىيارەتتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ئۇل ئەسلىھەلەر تەرەققىيات تۈرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى موسكۋانىڭ ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىن بارغانچە ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بېيجىڭ موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېلىپ چىققان بۇ رايوندىكى بوشلۇقنى تولدۇرماقچى ئىكەن. شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى خىتاينىڭ يېقىندا ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن قەشقەر-ئوش-پەرغانە تۆمۈريول كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىشى، شۇنداقلا قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تالاش-تارتىشتىكى بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا.