خىتاي رەئىسىنى ئىستېپاغا چاقىرغان مەكتۇپقا چېتىلغان مۇخبىر قويۇۋېتىلگەن
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا چاقىرىپ يېزىلغان مەكتۇپقا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنغان خىتاي مۇخبىر قويۇۋېتىلگەن. ب ب س نىڭ 26 - مارت خەۋەر قىلىشىچە، جىيا جىيانىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكىنى، ئايالى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە پات ئارىدا ئۆيىگە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
-
مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-03-26 -

جىيا جىيانىڭ 15 - مارت بېيجىڭ ئايرودروم ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرلگەن.
يېقىندا ژۇرنالىست جىيا جىيانىڭ قەلىمى نامىدا يېزىلغان «سادىق كومپارتىيە ئەزالىرى» سەرلەۋھىلىك بىر ئوچۇق خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. خەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بارلىق ھوقۇقلارنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغانلىقى تەنقىد قىلىنغان ۋە ئۇ ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىلغان.
ھالبۇكى جىيا جىيانىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇنىڭ مەزكۇر خەت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر خەت كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى «ۋۇجيې» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تور بېتىگە چاپلانغان. دائىرىلەر خەتنىڭ تور بۇزالار تەرىپىدىن چاپلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەتنى دەرھال ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ، مەزكۇر تور بەت 23 - مارتتىن ئېتىبارەن تاقالغان. شۇندىن كېيىن تور بېتىنىڭ باش مۇھەررىرى قاتارلىق 4 نەپەر خادىمىدىن خەۋەر ئېلىش مۇمكىن بولمىغان ئىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر 20 دىن ئارتۇق كىشى بۇ ئوچۇق خەتكە چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.
ئەمما، جىيا جىيانىڭ قانداق سوراق - سوئاللارغا دۇچ كەلگەنلىكى، قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن قويۇۋېتىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.