شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن خىتاي-رۇسىيە ئوتتۇرىسىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىلىق ۋەدىلەشكەن

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 16-ماي كۈنى بېيجىڭدا كۆرۈشكەن.

«بلۇمبېرگ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرىلىق ۋەدىلەشكەن، شۇنداقلا بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ 16-مايدىكى ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكانى «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورنىتىشنى پىلانلاپ، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلدى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇلار يەنە «ئامېرىكانىڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە دۈشمەنلىكلىرى» گە قارشى ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پۇتىن ئالدىنقى ھەپتە 5-قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىنلا تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى خىتايدىن باشلىغان. بۇ رۇسىيەنىڭ خىتاينى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكى، شۇنداقلا ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبلىك غەرب قويغان ئىقتىسادىي جازادىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، شى جىنپىڭ بېيجىڭدا پۇتىننى كۈتۈۋالغاندا، «خىتاي رۇسىيە بىلەن ياخشى قوشنا، دوست ۋە ئۆز-ئارا ئىشىنىدىغان شېرىك بولۇش سۈپىتىدە بىرلىكتە ئىشلەشكە تەييار» دېگەن. ئۇ يەنە پۇتىنغا «خىتاي ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مۇستەھكەملەشكە تەييار» دېگەن.

پۇتىن خىتايغا قاراتقان بۇ قېتىملىق زىيارىتى ئارقىلىق، خىتاينىڭ رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن بۇيان كۆرسەتكەن ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك قوللىشىنى داۋاملاشتۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا خىتاينى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوللاشنىڭ ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن 16-ماي كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ئارقىلىق ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، سۈنئىي ئەقىل، ئالەم تەكشۈرۈشى، ھەربىي مانېۋىرغىچە بولغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان.