مانجۇ يازغۇچى لاۋ شېنىڭ «شياڭزى تۆگە» رومانى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتىكەن
2016.09.03
لاۋ شې ئەپەندىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «شياڭزى تۆگە» 1936 - يىلى 16 - سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل بۇ رومان ئېلان قىلىنغىنىغا نەق 80 يىل بولغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر يازغۇچى لاۋ شېنىڭ مەزكۇر رومانى ھەققىدە تۈرلۈك شەكىللەردىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزگەن.
لاۋ شې خىتاي ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا زور تەسىرگە ئىگە مانجۇ يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ «شياڭزى تۆگە» رومانى خىتاي ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىمۇ بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە ئەسەردۇر. روماندا ئاپتور رىكشا سۆرەيدىغان مانجۇ ياش شياڭزىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇش سەرگۈزەشتى ئارقىلىق خىتايدا 300 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھاكىم مىللەت مانجۇلارنىڭ شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىنكى تراگېدىيەلىك ھالاكىتىنى سۈرەتلەپ كۆرسەتكەن.
80 يىلدىن بۇيان بۇ بۇ رومان ئىنگلىز، گېرمان، فىرانسۇز، ياپون قاتارلىق كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە چەت ئەللەردىمۇ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.
«شياڭزى تۆگە» رومانى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى داڭلىق تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر مەزكۇر تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتىكى يۇقىرى ماھارىتى بىلەن خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتى - «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىدى.
ھالبۇكى، بۇ يىل 3 - ئايدا يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ «بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىش ۋە شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاش» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.









