خىتاي ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پىكىر ۋە ئاكادېمىيە ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئاكادېمىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىتېتى بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر دوكلات تەييارلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئەنگىلىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتىتلاردا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدە جىددىي ئىسپاتلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇلار يەنە خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى ۋە شۇنداقلا خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى خىتاي تەتقىقاتچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە قوللىنىپ، ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق سەزگۈر تېمىلارنىڭ مۇنازىرە قىلىنىشى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى ئورگاننىڭ دوكلاتىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى ئورگانلىرى ئارقىلىق ئەنگىلىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان ئايشىگۈل نۇرئىبراھىم ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزنى نازارەتكە ئالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان. 

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىدىن قوغداشقا كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئاكادېمىيە ئەركىنلىكىنى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دېپلوماتىك بېسىملار ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىدىن قوغداپ قېلىشقا يەتمىگەن». 

يۇقىرىقى ئورگان دوكلاتىدا ئەسكەرتىپ «ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ پۇل تېپىش ۋە تىجارەت كېلىشىملىرى بەدىلىگە ئەنگىلىيەگە ۋە شۇنداقلا دۇنياغا ئەركىنلىك ۋە باياشاتلىق ئېلىپ كەلگەن خەلقئارالىق ئۆلچەملەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويسا بولمايدۇ،» دېگەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى بۇ «تاشقى ئىشلار كومىتېتى» يەنە ئەنگىلىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن نېمىشقا ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى جازا تەدبىرلىرى ئالمىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت