شىئەندە 10 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى نامايىش قىلىپ، ئەخلەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتى قۇرۇشقا قارشىلىق كۆرسەتكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىئەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 300 مىڭ نوپۇسقا ئىگە گاۋلىڭ رايونىدا چوڭ تىپتىكى ئەخلەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتى قۇرماقچى بولغانلىقى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان.

رادىيومىزنىڭ گۋاڭدوڭ بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 11-ئۆكتەبىردىن تاكى بۈگۈنگىچە بولغان بىر ھەپتە جەريانىدا شەھەر ئاھالىلىرى شىئەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. ئالدىنقى شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى نامايىشچىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ھۆكۈمەت نامايىشنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا مىڭغا يېقىن ساقچىنى ئىشقا سېلىپ نامايىشچىلارنى باستۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلارنىڭ باسقۇنىدا ئوننەچچە كىشى يارىلانغان، 7 كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان قاتتىق تىزگىنلەنگەن شىئەن شەھىرىدە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋاملىق كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشىغا مۇمكىنچىلىك بولمىغان.

شىئەن شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىئەن شەھىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ نورمال خىزمەت، تۇرمۇش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. گاۋلىڭ رايونى شىئەن شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ھۆكۈمەت قۇرماقچى بولغان ئەخلەت زاۋۇتى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا ئاران بىر نەچچە يۈز مېتىرلا كېلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ناچار ھاۋارايى بىلەن ئېغىر دەرىجىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت