ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى: «شى جىنپىڭ ئىشەنچ كرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-05
Share

3‏-ئاۋغۇست كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ كرىزىسىغا ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر ماقالە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاننا فىفىلد تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان. ئاننا فىفىلدنىڭ «ئۈستۈنلۈك ۋە گۇمانخورلۇق: خىتاينىڭ شى جىنپىڭى ئىشەنچ كرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئاستىلاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىپلا قالماي، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە 3 مىليوندەك كىشىنىڭ «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىلىشىغا قارىتا غەربنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەنقىدى، شۇنداقلا تەيۋەن مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭدا پارتلىغان دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتىكەن. ماقالىدە، «بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پارتىيە باش سېكرېتارى بولغان شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى» ۋە شۇنداقلا «ئىزچىل تاشقى تەھدىتلەردىن ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان پارتىيىنىڭ ئىچىدە جىددىيچىلىك ياراتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ بۇ تەھدىتلەرگە قارشى پارتىيە ئىچىدىكى پوزىتسىيىسىنى قاتتىقلاشتۇرغان.

ماقالىدە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشىنى ئۇنىڭدىكى ئىشەنچسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلغان، دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە، ئامېرىكا برۇكىڭىس ئىنستىتۇتىدىكى جوناتان پولاك، جېفرېي بايدېن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «كومپارتىيەنىڭ خىتاي ئىچىدە، بولۇپمۇ شىنجاڭدەك رايوندا باستۇرۇشنى ئىزچىل كۈچەيتىشى»، «ئۇنىڭدىكى ئەندىشە ۋە ئەنسىزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەرگىز يەرشارى ۋە رايون خاراكتېرلىك لىدېرلىكنى تالىشىۋاتقان، ئۆزىگە ئىشەنچى بار بىر خىتاينى نامايان قىلمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، كومپارتىيە رەھبەرلىرىدىكى بۇ خىل ئەنسىزلىك، ئۇلارنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سودا ئۇرۇشىنى نوقۇل ئىقتىسادىي مەسىلە، دەپ قارىماي، ئۇنى خىتاينى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىستراتېگىيىلىك ئۇرۇنۇش، دەپ قارىشىغا سەۋەب بولماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت