شى جىنپىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئەڭ يامان ئەھۋالغا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى يىغىنىغا قاتناشقان ئەمەلدارلارغا خىتاينىڭ ئىچكىي ۋە تاشقىي تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئەڭ يامان ئەھۋالغا تەييارلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

CNN تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەھدىت دېگىنى خىتاينىڭ چۆكۈۋاتقان ئىقتىسادى، دۆلەت سىرتىدىكى تەھدىت دېگىنى خىتاي ئۆزى پەيدا قىلغان خەلقئار دۈشمەنلىك ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى قىسماققا ئېلىشى ئىكەن.

شى جىنپىڭ خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىدىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويغان بولۇپ، خەۋپسىزلىكنى قوغداش ئېڭىنى سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تور-ئالاقە قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتكەن؛ دۆلەت كۈچىنى دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققىچە، ئىككى قۇتۇپتىن ئالەم بوشلۇقىغىچە، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغىچە تەرەققىي قىلدۇرغان.

شى جىنپىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىم ۋە مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن ئاچقان بۇ خەۋپسىزلىك يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا مۈشكۈل ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇڭا ئىدىيەدە تەييارلىق قىلىشىمىز، ھەر قانداق بوران-چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىمىز ۋە سىستېمىمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك جەڭ قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك».

بۇ خەۋەردە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»، «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش»، «تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش» قانۇنلىرى ۋە چەت ئەلدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ، دۆلەت ئىستىخباراتى ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئارقا-ئارقىدىن تۈزۈپ يولغا قويغان؛ 2016-يىلدىن باشلاپلا دۆلەت سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن، ئەمما دۆلەت ئىچىدە جاسۇسلۇققا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان، خىتايدىكى چەت ئەل كارخانىلىرىمۇ بۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، خىتايدىن چېكىنىشكە باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، 2017-يىلدىن باشلاپ بۇنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ، دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئايلانغانىدى.