ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرى ب د ت نى شىمالىي كورېيەگە قارشى قاتتىق تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.07.07

ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە جۈمە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تېز ئارىدا قارار ماقۇللاپ، شىمالىي كورېيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا چاقىرغان.

گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە 20 گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې ۋە جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇن جېئىن جۈمە كۈنى كۆرۈشكەن. 3 دۆلەت رەھبىرى كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى شىمالىي كورېيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو قارارى چىقىرىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەققىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ب د ت نىڭ قارارلىرىنى تېز، قاتتىق ۋە تولۇق ئىجرا قىلىشقا، تەدبىر قوللىنىپ، شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋەتكە چەكلىمە قويۇشقا چاقىرغان. بىراق رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى، قالغان ئىككى دائىمىي ئەزا رۇسىيە بىلەن خىتاينى قايىل قىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىكەن. شىمالىي كورېيە سەيشەنبە كۈنى قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شەرقىي شىمالى ئاسىيادىكى ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ جىددىي ھوشيارلىقىنى قوزغىغان. 

ترامپ ھۆكۈمىتى زۆرۈر تېپىلسا قورال كۈچى ئىشلىتىشكە تەييارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا مەسىلىنىڭ دىپلوماتىك يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قارىتا تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، شىمالىي كورېيە سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ئىمبارگوغا ئۇچرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.