يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، شىمالىي خىتاينىڭ بۇلغانغان شەھەرلىرىدىكى كىشىلەر باشقا جايلاردىكىلەرگە قارىغاندا 3 يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «PNAS» يەنى ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭغا قارىغاندا، ئىسسىنىش پار قازانلىرىغا قالانغان كۆمۈرلەر خىتاينىڭ شىمالىدا ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
شىمالىي خىتايدىكى بۇلغىنىش خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا قارىغاندا 46 پىرسەنت ئېغىر بولۇپ، بۇ شىمالدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنى جەنۇبىي رايونلاردىكىگە قارىغىنىدا 3.1 يىل قىسقارتقان.
ئۆلۈملەرنىڭ كۆپىنچىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
«سودا ئىچكى خەۋەرلەر تورى» دا كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1950-يىلى «خۇەيخې دەرياسى سىياسىتى» ناملىق بىر سىياسەت تۈزۈپ چىقىپ، بۇ سىياسەت بويىچە خۇەيخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلارنى قىش پەسلىدە ئىسسىنىشقا بىكارلىق كۆمۈر بىلەن تەمىنلىگەن.
بۇ سىياسەت 1980-يىلىغىچە يۈرگۈزۈلگەن. كۆمۈر كۆيدۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلغىنىش شىمالىي خىتايدىكى 500 مىليون ئادەمگە تەسىر كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا 2013-يىلى ئېلان قىلىنغان ئوخشاش دوكلاتتا خىتاينىڭ شىمالىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى باشقا جايلاردىكىلەرگە قارىغاندا 5 يىل قىسقا بولىدىغانلىقى، بۇ رايونلاردىكى بۇلغىنىشنىڭ باشقا جايلارغا قارىغاندا 50 پىرسەنت يۇقىرىلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
خېبېي ئۆلكىسى خىتاينىڭ شىمالىغا جايلاشقان ۋە خىتاي بويىچە بۇلغانغان شەھەرلەر ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرى.
ئەمما، باش شتابى لوندونغا جايلاشقان ئېكولوگىيىلىك مۇھىت خەۋەرلەر تورى - «خىتاي دىئالوگى» ئۆتكەن يىلى ئىيۇندىكى بىر خەۋىرىدە يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلى ھاۋاسىدىكى بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى» شۇ يىلى 20-ئاپرېل ئېلان قىلغان دوكلاتىدىمۇ خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ غەربىي شەھەرلەرگە قاراپ كۆچۈۋاتقانلىقىنى، قەشقەر ۋە خوتەننىڭ خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەر تىزىملىكىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.