ئامېرىكىنىڭ «DOW خەلقئارالىق خىمىيە شىركەتلەر گۇرۇھى» ئۇيغۇر ئېلىدە تارماق شىركەت قۇرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.10.22

«پىلاستىك خەۋەرلەر تورى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «DOW خەلقئارالىق خىمىيە شىركەتلەر گۇرۇھى»نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىش مەركىزى ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا «DOW» جۇڭگو تارماق شىركىتى باشلىقى پىتىر ۋاڭ ھەم شۇنداقلا بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار قاتناشقان.

پىتىر ۋاڭ قىلغان سۆزىدە، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«يېڭى يىپەك يولى-بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ ئاسىيادىكى تەسىرىنى زورايتىش ئۈچۈن يولغا قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. بىر قىسىم چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر تىۋىتتىر تورىدا ئېلان قىلغان باھالىرىدا، DOW خەلقئارا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشىنى شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى بىر غەلىبىسى، دەپ باھالىغان. ئەمما ئېچىلىش مۇراسىمىدا تارتىلغان سۈرەتلەردە بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ كۆرۈنمەسلىكى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگىلا نەپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىۋاتقان چەتئەل كارخانىلىرىنى رايوندىكى مىللىي ئايرىمىچىلىق، مىللىي كەمسىتىشكە يانتاياق بولۇپ قالماسلىق، يەرلىك خەلقتىن كۆپلەپ خىزمەتچى ئېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

«DOW خەلقئارالىق خىمىيە شىركىتى» 1897-يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان. شىركەتنىڭ باش شتابى مىچىگان شتاتىدا بولۇپ، ئۇنىڭ 160 تىن ئارتۇق دۆلەتتە تارماق شىركىتى، 54 مىڭدىن ئوشۇق خىزمەتچىسى بار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.