خىتايدا خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن بۇلغانغان جايغا سېلىنغان بىر مەكتەپتىكى 500 نەپەر بالا كېسەلگە گىرىپتار بولغان
2016.04.18
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ چاڭجو شەھىرىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن بۇلغانغان جايغا سېلىنغان مەكتەپتە ئوقۇيدىغان 500 نەپەر بالا تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، چەتئەل تىللىرى ئۆگىتىدىغان بۇ مەكتەپ شاڭخەي شەھىرىدىن 170 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چاڭجو شەھىرىدە بولۇپ، مەكتەپ ئورنى ئىلگىرى خىمىيىلىك زاۋۇتتىن قويۇپ بېرىلگەن زەھەرلىك ماددىلار بىلەن بۇلغانغان جاي ئىكەن.
خەۋەردە تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ھەتتا راك كېسىلى بولۇپ قالغانلارنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. جياڭسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ دېلو ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تېخى ئالدىنقى ھەپتىدە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يۈزلىگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ساختا ۋاكسىنا سېتىش ۋەقەسىگە چېتىلىپ جازالانغانلىقى ھەققىدە جىددىي بەس-مۇنازىرىلەر قوزغالغان ئىدى.
كوزەتكۈچىلەر ۋە مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچىلار خىتايدىكى يېمەكلىك، تۈرلۈك دورا مەھسۇلاتلىرى شۇنىڭدەك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر تەھدىتنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنى مۆلچەرلىگۈسىز بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.









