خىتاي «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى سېتىۋالمىغان ئىككى ئامېرىكا شىركىتىگە رەسمىي تەھدىت سالغان

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى بايقۇت قىلغان ئىككى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسىنى خىتاينىڭ «سودا قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈش بىلەن تەھدىت سالغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 23-سېنتەبىر ئامېرىكانىڭ كالۋىن كلايىن ۋە تومى خىلفىگېر ناملىق ئىككى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسىغا قاراشلىق PVH شىركىتى ئۈستىدىن «سودا قائىدىسى» گە خىلاپلىق قىلغان، دېگەن گۇمان بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 23-سېنتەبىر ئۆزىنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش بۇ شىركەتنىڭ «شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات» لىرىنى بايقۇت قىلغان، دېگەن گۇمانىي سەۋەبلىك ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ كالۋىن كلايىن ۋە تومى خىلفىگېرنى تەكشۈرۈش قارارى، ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» چىقىرىپ، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق رايونى» دېيىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەم مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى چەكلىگەن بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، دىققەت قوزغىماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «ئامېرىكانىڭ PVH گۇرۇھى نورمال بازار سودا پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىش، شىنجاڭ پاختىسى ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسسىز ۋە سەۋەبسىز بايقۇت قىلىپ، ئالاقىدار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ھەم تەرەققىيات مەنپەئەتىگە خەتەر يەتكۈزۈش گۇمانى پەيدا قىلدى» دېيىلگەن.

ھالبۇكى، PVH ئۆزىنىڭ شىركەت تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ قانداق يەردە سودا قىلمىسۇن، قانۇن-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىدىغانلىقى، جۈملىدىن «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر PVH گۇرۇھى «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى سېتىۋېلىشتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئىشلاردا بولغان بولسا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىغا 30 كۈن ئىچىدە چۈشەنچە بېرىشى كېرەك ئىكەن.