ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» مەھسۇلاتلارنى قاتتىق چەكلىشى بىلەن بۇ مەھسۇلاتلارنى خەلقئارا بازارغا سېلىشى قىيىنلاشقان خىتاي، «شىنجاڭ پاختىسى» مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا ئىچكى بازىرىغا يۈزلەنگەن. ھالبۇكى، خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى شەخسلەر خىتاي ئىچكى بازىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئىچكى بازىرى چەت ئەل خېرىدارلىرىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» دىن ۋاز كېچىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى بىر لۆڭگە زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى نۆۋەتتە ئامېرىكالىق خېرىدارلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا زاكاز بېرىشىدىن بەك ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقى، ھازىر ئىچكى بازارغا يۈزلەنگەنلىكى، ھازىرقى خېرىدارلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىچكى خېرىدارلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋالدا «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىڭ ئۈچۈن مەسىلە ئەمەس ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك بازىرىدا بوشلۇق كېلىپ چىققان. نۆۋەتتە خىتايدىكى توقۇمىچىلىك شىركەتلىرى ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقارغۇچىلار بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا قىينالماقتا ئىكەن. يۇقىرىقى خىتاي كارخانا خوجايىنى «شىنجاڭدا چىقىمىمىزنىڭ يېرىمى ئازايغىنى راست بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي پايدىمىز بۇرۇنقىدەك ئەمەس» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىغا قارشى نۇرغۇن يەرلىك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، خىتاي توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقى كارخانا خوجايىنى مەھسۇلاتلىرىغا بېرىلگەن «زاكازنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئومۇمىي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 90 پىرسەنتى، دۇنيا پاختا تەمىناتىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلماقتا ئىكەن.