ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە يىغىن چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.02.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

16-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى: 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئۇنى چۆرىدىگەن سىياسەتلەر» ماۋزۇلۇق بىر يىغىن ئېچىلغان.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىرىس كونس ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم تىللىس، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ۋە شۇنداقلا داڭلىق ۋاسكىتبول چولپىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەنەس كانتەر فىرىدوم قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

مەزكۇر يىغىندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە قانداق قىلىپ ئېرىشكەنلىكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىتاي بىلەن قانداق ئالاقىلىشىپ، ھازىرغىچە قايسىي ئىستراتېگىيەلەرنى يولغا قويغانلىقى، ئامېرىكانىڭ بۇندىن كېيىن قانداق قىلىپ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بۇ ھەقتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولغان. بۇ يىغىنغا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دوكتور سوفى رىچاردسون رىياسەتچىلىك قىلغان.

يىغىندا ئەنەس كانتەر ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئاستىدا زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشقاندىن بېرى ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە يۆلىنىۋالغان NBA ئۈچۈن بۇنىڭ بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتقان.

يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىش ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك بۇ نوقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكەن.

شۇ كۈنى يەنە ئەنەس كانتەر فىرىدوم ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى ئەزالار بىلەن بىرمۇ-بىر ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق NBA ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇنلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى مۇھىم تېما بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت