خىتاي ئادۋوكات گاۋ جىشېڭ ھەقىقەتتىن يانمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىجرائاتلىرىغا قارشى خىتاي ئىچىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادۋوكات گاۋ جىشېڭ يېقىندا ئۆز كەچمىشلىرىگە ئاساسەن «مېنىڭ بەش يىللىق تۈرمە ھاياتىم» ناملىق بىر كىتاب يېزىپ چىققان، كىتابنىڭ مەزمۇنى بۈگۈن خوڭكوڭدا ئۇنىڭ قىزى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا نەزەربەند ئاستىدا ياشاۋاتقان گاۋ جىشېڭ دۈشەنبە كۈنى كىتابى ھەققىدە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە بەش يىل تۈرمە ئازابىنى تارتقان بولسىمۇ، ھەقىقەتتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى يەنى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكنى پاش قىلىشتىن توختىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

گاۋ جىشېڭنىڭ قىزى بۈگۈنكى كىتاب تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئەقلىگە كەلگەندىن بېرى دادىسى بىلەن بىللە ئەمەسلىكىنى، يەنى دادىسىنىڭ تۈرمە ياكى نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، دادىسىنىڭ ھەققانىي مەيدانى ۋە مەسئۇلىيەتچان ھايات پرىنسىپىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.