ئادۋوكات ۋاڭ يۈنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك خەلقئارالىق مۇكاپاتىنى رەت قىلغانلىقى مەلۇم
2016.08.02
فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى لودىۋېك ترارىئوكس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپات فوندى 2-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 4-ئىيۇن كۈنى «لودىۋېك ترارىئوكس خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا كۆرسىتىلگەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋاڭ يۈنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن مەزكۇر مۇكاپاتنى رەت قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بېرىشنى ۋەدە قىلغان «ئەركىنلىك»كە تېگىشىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئادۋوكات ۋاڭ يۈ 1-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، خوڭكوڭدىكى سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆزىگە بېرىلگەن «لودىۋېك ترارىئوكس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۆزى ئىلگىرى خىزمەت قىلغان بېيجىڭ فېڭرۈي ئادۋوكاتلار باشقارمىسىنى «ئەرزدارلارنى قۇترىتىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆزى ئىلگىرى مەزكۇر ئادۋوكاتلار باشقارمىسىدا ئادۋوكاتلىق قىلغان مەزگىلىدىكى پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋاڭ يۈ، بېيجىڭ فېڭرۈي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلار باشقارمىسىنىڭ غوللۇق ئادۋوكاتى. ئۇ بۇلتۇر ياز پەسلىدە خىتايدا 300 دىن ئارتۇق ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى تۇتقۇن قىلىنغان « 9-ئىيۇل كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش» ۋەقەسىدە رەسمىي قولغا ئېلىنغان 20 دىن ئارتۇق ئادۋوكاتنىڭ بىرى.
دائىرىلەر 1-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى تۇيۇقسىز سوت ۋاقتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئادۋوكات ۋاڭ يۈنى قويۇپ بەرگەن. ئەمما 2-ئاۋغۇست تيەنجىندە ئېچىلغان سوتتا ئەينى چاغدا ۋاڭ يۈ بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان.