ئامېرىكا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئورگىنى مەسئۇلى خىتايدىكى سۇ ئۈزۈش ماھىرلىرىنىڭ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قانۇنسىز دورا يەپ مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ، «خىتايلار پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ» دېگەن.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئورگىنى مەسئۇلى تراۋىس تىگارت دۇنيا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ئورگىنىنى ئەيىبلەپ، «ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە سۇ ئۈزگۈچىلەرنىڭ زەھەر چېكىشنى يوشۇرۇشىغا يول قويغان» دەپ ئەيىبلىگەن.
مەزكۇر خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «2021-يىلى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى 23 خىتاي سۇ ئۈزۈش ماھىرىنىڭ چەكلەنگەن دورا يېگەنلىكى بايقالغان بولسىمۇ، بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا يەنىلا رۇخسەت قىلىنغان. تەنھەرىكەتچىلەر بىر نەچچە مېدالغا ئېرىشكەن».
تراۋىس تىگارتى دۈشەنبە كۈنى «سىياسەت» (Politico) ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دۇنيا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ تەرەپ تۇتۇپ، خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلغانلىقىنى ۋە بۇنى قەستەن يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى مۇھىم ئورنى تۈپەيلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاينى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى «ۋەيران قىلىۋېتىش» ئېھتىمالىنىڭ بارلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن.
