خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشى تەشەببۇس قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.08.04


ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشلار خىزمەت تاپالمايۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىنغان. خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 1 - ئاۋغۇست كۈنى، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شەندۇڭ، خېنەن، ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن كەلگەن جەمئىي 1800 نەپەر ئالىي نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە ئارزۇسى بويىچە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 127 نەپەر ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى» دېگەن نام بويىچە ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەنلەر بولۇپ، خەۋەردە بۇ ھەقتە مۇنداق دىيىلگەن : «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇ، غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ.»

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىدىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىش بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىدا يەرلىشىپ قېلىشقا تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى پىلانغا ئاساسەن 2003 - يىلىدىن بۇيان ھازىرغىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 15 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن 5000 دىن ئارتۇقى ئۇيغۇر ئېلىگە ماكانلىشىپ قالغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.