خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسى - جون ستەنىسنىڭ خوڭكوڭ پورتىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان. ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنىش سەۋەبى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى كەسكىنلەشكەن مەزگىلدە يۈز بېرىپ، دىققەت قوزغىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بىل ئۇربان جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا «يېقىندا بىزگە جون ستەنىس ناملىق ئاۋىئاماتكا ۋە باشقا ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئامېرىكا دېڭىز فلوتىنىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىش تەلىپى رەت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى» دېدى.
بىل ئۇرباننىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ 2014 - يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنىڭ تۇنجى قېتىم رەت قىلىنىشىكەن. ئۇ، «بلۇ رىج» ناملىق ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز بۇنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
يېقىندا ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. شۇ مەزگىلدە جون ستەنىس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىۋاتقان بىر ئارالنىڭ ئەتراپىدا بىر مەزگىل لەڭگەر تاشلاپ تۇرغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر 15 - ئاپرېل ئاۋىئاماتكىغا چىقىپ، ئەگەر فىلىپپىن باشقىلارنىڭ زورلىشى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىسا، ئامېرىكا فىلىپپىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ رەت قىلىنىشى، «ئىگىلىك ھوقۇق پرىنسىپى ۋە ئالاھىدە ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلغان ئىندىۋىدۇئال ۋەقە» دېگەن.