خىتاي ئامېرىكانىڭ 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارغا باج قويۇشىدىن بىئارام بولماقتىكەن
2024.02.05
ئامېرىكانىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇشى ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن كېيىن، خىتاي تور بازىرى شىركەتلىرى ئامېرىكانىڭ 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارغا باج ئالماسلىق بەلگىلىمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا بازىرىغا تور ئارقىلىق مال سېتىشنى كۈچەيتكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ «شېيىن» ۋە «تېمو» قاتارلىق تور بازىرى سۇپىسى جانلىنىپ، ئۇلارنىڭ تور ئارقىلىق ئامېرىكاغا يىللىق مال سېتىشى 2 يېرىم مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
بەزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلار ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە يول ئاچقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭغا قارىتا قانۇن تەكلىپ لايىھەلىرىنى سۇنغان ئىدى. خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئامېرىكانىڭ 800 دوللاردىن تۆۋەن ماللارغا باج ئالماسلىق بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىشىدىن بىئارام بولماقتا ئىكەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكا سايلام مەزگىلىگە كىرگەن بىر پەيتتە، بۇ قانۇن لايىھەلىرىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ماقۇللىنىپ، 800 دوللاردىن تۆۋەن ماللارغا باج ئالماسلىق بەلگىلىمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى مۈشكۈل بولسىمۇ، لېكىن خەۋەردە خىتاي تور بازىرى سۇپىلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىلى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا مال ئېكسپورت قىلىشى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما تور بازىرى سۇپىلىرىنىڭ مال سېتىشى قاتتىق كۆپەيگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىل كاسسىدى بىلەن تامى بالدىۋىن ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ باج ئالماسلىق بەلگىلىمىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن شەررېد بروۋېنمۇ خىتاي ۋە رۇسىيە ماللىرىنىڭ باج ئالماسلىق بەلگىلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر، «تېمونىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي قىلىشتا ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقى» نى ئېيتقان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژناسى ئۆتكەن شەنبە كۈنىدىن باشلاپ باج ئېلىنمايدىغان ماللارنى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشكە باشلىغان.









