خىتاينىڭ باش دىپلوماتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سۆھبەتلىشىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.01.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتايدا قايتىدىن ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان تاجسىمان ۋىرۇس ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى قاتتىق ھالسىراتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىر تىپىك ئىپادىسى خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئوتتۇرىغا قويغان «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق چىگىشلەرنى يېشىش» تەكلىپىدە ئەكس ئەتتى.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ 1-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ يى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەشر ئەپكارلىرىدىن بولغان «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ژۇرنىلىنىڭ 1-يانۋار سانىدا باش ماقالە ئېلان قىلغان ھەمدە يۇقىرىقى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ باش ماقالىدا «ئۆتكەن يىللاردا ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىزچىل ئۆزئارا ئەپ ئۆتۈشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىش كۆرۈش ھەمدە سۆھبەتلىشىش ئاساسىدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى توغرا، ساغلام ۋە مەزمۇت يولغا سېلىشى لازىم» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى 1-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلەشكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ «بىز ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەمدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئوچۇق يوللىرى ھەققىدە كەڭ-كۇشادە سۆھبەتلەشتۇق» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ يى 2023-يىلى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىزچىل شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تېخى يېقىندىلا سىياسىي بيۇرو ئەزالىقىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن تاشقى دۇنيا ئىزچىل تۈردە ۋاڭ يىنى «خىتاي دىپلوماتىيە ساھەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوماندانى» دەپ قارىماقتىكەن. دەرۋەقە ۋاڭ يى بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان «سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش» چاقىرىقى 2021-يىلى مارت ئېيىدا ئالياسكا شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى نامايان قىلغان تەكەببۇرانە كۆرەڭلىك بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.