خىتاي تاشقى ئىشلا رمىنىستىرى ۋاڭ يى 5-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «بىر تاللاش ئەمەس» لىكى، ئۇنىڭ بىر زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكاغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى روشەن دەرىجىدە يۇمشاتقان. بۇنىڭدىن تېخى بىر قانچە ئاي ئاۋۋال ئامېرىكاغا قارىتا ئىنتايىن قوپال ۋە قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەن ۋاڭ يىنىڭ، تۇيۇقسىز پوزىتسىيەسىنى يۇمشىتىپ، ئامېرىكا بىلەن مۇرەسسەلىشىش يولىنى تۇتۇشى دىققەت قوزغىماقتا. رويتېرس ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى سۆزىدە نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئىلگىرى ھەرقانداق دەۋردىن كۆپەيگەنلىكى ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ۋاڭ يىنىڭ ئامېرىكاغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ يۇمشاپ كېتىشىگە قانداق ئامىللارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادى كاساتلاشقان، دۆلەت ئىچىدە ئىشسىزلىق ئارتقان، چەت ئەل مەبلىغى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغان، خىتاينى تېخنىكا جەھەتتىن چەكلەش كۈچەيگەن، خەلقئارادا ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ تۆۋەنلەپ، خىتاينىڭ ئوبرازى خۇنۈكلەشكەن بىر پەيتتە پوزىتسىيەسىنى يۇمشىتىشى دىققەت قوزغىماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا ۋاڭ يى مۇنداق دېگەن: «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خىتاي-ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئەمدى ئىككى دۆلەت، ھەتتا دۇنيا ئۈچۈن كەڭ ۋاز كېچىشكە بولىدىغان بىر تاللاش ئەمەس. بەلكى چوقۇم ئەستايىدىل ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈرىيەت مەسىلىسىدۇر» . ۋاڭ يى يەنە ئىككى تەرەپنىڭ بارلىق مېخانىزملاردىن پايدىلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «ئوتتۇرىدىكى ئالاقە كۆۋرۈكىنى قۇرۇپ چىقىشى» نى تەلەپ قىلغان.
ھالبۇكى، ۋاڭ يى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللاردىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشى، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىتى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن ماجىراسى ۋە سودا مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئىدى.