خىتاي ئامېرىكىنىڭ بومبا قالقان سىستېمىسىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.02.13


ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەنى شىمالىي كورېيەدىن قوغداش ئۈچۈن كورېيە يېرىم ئارىلىغا ئورنىتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنىڭ خىتايغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىمالىي كورېيە ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى بىر ئۇزاق مۇساپىلىك راكېتانى سىناق قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى جەنۇبىي كورېيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە باياناتچىسى پېتىر كۇك بۇ خۇسۇسىدا پات ئارىدا سۆھبەت باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشچە، بۇ ھەقتە توختالغان مىنىستىر ۋاڭ يى مۇنداق دېگەن: «بۇ سىستېما كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئېھتىياجىدىن بەكلا ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، باشقا ئاسىيا ئەللىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنىڭ پەقەت كورېيەنى قوغداشقىلا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بىلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋاڭ يى يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭدىكى تېخىمۇ كەڭرەك پىلان بولسا، بۇ سىستېما بەلكىم خىتايغا قارىشى ئىشلىتىلىشىمۇ مۇمكىن.»

شىمالىي كورېيە ئۆزى سىناق قىلغان راكېتانىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئالەم قاتنىشى تەتقىقاتىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما بۇ ئامېرىكا دائىرىلىرىنى ئىشەندۈرەلمىگەن. ئۇلار شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.