ئامېرىكانىڭ 2024-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ھازىردىن باشلاپ دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ سايلامغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
CNN تورىنىڭ 18-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكادىكى 2022-يىللىق دۆلەت مەجلىسى سايلىمىغا ئارىلىشىش ئۇرۇنۇشلىرى 2018-يىلىغا قارىغاندا كۈچەيگەن. خەۋەردە 18-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر مەخپىي دوكلاتتىن ئۇچۇر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ھېچقانداق بىر دۆلەت تېخى 2016-يىل رۇسىيە قىلغاندەك «ئامېرىكا سايلىمىغا ئومۇميۈزلۈك تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بارمىغان. ئەمما خىتاي، رۇسىيە، ئىران، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەر بىردەك 2022-يىللىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغان.
بۇ دوكلاتتا ناھايىتى ئىشەنچلىك ھالدا «خىتاي ئامېرىكادىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. بۇ بەلكى خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ 2020-يىلدىن بۇيان كۈچەيتىۋاتقان ‹ئامېرىكانىڭ سىياسىتى ۋە پىكىر ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىپ، خىتايغا پايدىلىق مۇھىت يارىتىش› ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر» دېيىلگەن.
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى سايلىمىنى پۇرسەت دەپ قارىغان. چۈنكى بۇ سايلامنىڭ شەرتلىرى ۋە تەكشۈرۈش ئۆتكەللىرى ئۇنچە قاتتىق ئەمەسكەن. خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى ئامېرىكاچە دېموكراتىيەنى «قالايمىقان، ئۈنۈمسىز ۋە ۋەكىللىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس» دەپ تەسۋىرلەيدىكەن ھەمدە ئىككى پارتىيەنى ئامېرىكا شىتاتلىرىدىكى «ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىش»، «قورال كونتروللۇقى» دېگەندەك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە زىددىيەتكە سېلىپ قويۇشقا تىرىشىدىكەن.