ئاقساراي خىتاينىڭ چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىدىن «جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېدى

خىتاينىڭ پەيشەنبە كۈنى چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىنى ماقۇللىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، سودا مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ئاقساراي پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر قانۇننىڭ خىتايدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى تېخىمۇ تارايتىۋېتىشىدىن، ئامېرىكا ۋە خىتايدىكى شەخس ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز - ئارا ئالاقىسىگە دەخلى يەتكۈزۈشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئاقساراي باياناتىدا يەنە، «بىز خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، ئاخباراتچىلار، تىجارىي گۇرۇھلار، كەسپىي خادىملار، خىتايدىكى چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ پائالىيىتى، ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر قانۇندا ساقچىلارغا زور ھوقۇق بېرىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتايدىكى چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەپلا قالماي، خىتاي ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون بۇ قانۇن «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال» دەپ كۆرسەتتى.

بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ جۈمە كۈنى بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ خىتايدا قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، «بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ قانۇن چىقىرىش ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.