خىتاي ھۆكۈمىتى «ئاق ۋاراق نامايىشى» خاتىرىسىنى يوق قىلىۋەتمەكچى بولغان

2022-يىل 11-ئايدا، ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتى پاجىئەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ 10 نەچچە شەھىرىدە مىڭلىغان ئادەم كوچىلارغا چىقىپ، شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىگە قارشى «ئاق ۋاراق نامايىشى» ئېلىپ بارغانىدى. شۇ چاغدا نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ 1 مىليونغا يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، 1989-يىلدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ نامايىش دەپ قارالغانىدى. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نامايىش ھەققىدىكى خاتىرىلەرنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولغان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 1-ماي كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، «ئاق ۋاراق نامايىشى» خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە شى جىنپىڭغا قارشى شوئارلار توۋلانغان، تەسىرى خېلى كۈچلۈك بولغان قارشىلىق ھەرىكىتى بولۇپ، نامايىش بولۇپ بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى بىكار قىلغان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نامايىشتىن كېيىن نامايىشچىلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ جازالىغان، نامايىش ھەققىدىكى ۋىدىيو ۋە باشقا ئۇچۇرلارنىڭ توردا تارقىلىشى ياكى ساقلىنىشىنى چەكلىگەن. بۇ نامايىش ھەققىدە فىلىم ئىشلىگەن رېژىسسور چېن پىنلىن بۇ فىلىمنى يۇتۇبقا قويغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى تۇتۇپ 5 يىللىق كېسىۋەتكەن.

ئەينى چاغدا خېنەندىكى سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان كامىلە ۋاھىت خىتايدىكى بىر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا مەزكۇر نامايىش ھەققىدىكى ۋىدىيونى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈن 2022-يىل 12-دېكابىر قولغا ئېلىنىپ، «ئاشقۇنلۇقنى تەرغىب قىلىش» جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

باش ئىشتابى نيۇ-يوركتىكى «مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» (CPJ) نىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «ئاق ۋاراق نامايىشى» نى ھەر قانداق شەكىلدە خاتىرىلىشىنى چەكلەپ كەلگەن. ھۆكۈمەت يەنە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى چەكلەش، تاشقى كۈچلەرگە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساتقۇچىلارنى جازالاش» ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن.