خىتاي ئارمىيەسىنىڭ «روھىي ساغلاملىق كرىزىسى» دا ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا
2022.12.20
خىتاي بىلەن ھىندىستان ۋە تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى بولغۇسى توقۇنۇشنىڭ خەۋىرى كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا ئەگىشىپ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ روھىي جەھەتتىكى بىر قاتار ساغلاملىق كرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
ھىندىستاندا نەشر قىلىنىدىغان كۆپ تىراژلىق «باسما» گېزىتىنىڭ 19-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەسكەرلىرى ئارىسىدا «روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىشىش ۋە قورقۇنچ تۇيغۇسى» كۆپىيىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ بۇ ھال خىتاي بىلەن ئالاقىدار بولغان ھەربىي پائالىيەتلەر ۋە جىددىيلىك ئەۋج ئالغان ھىندىستان چېگراسى ۋە تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدىكى ئەسكەرلەردە بىرقەدەر ئېغىر بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ خىل يەكۈنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» نىڭ يېقىنقى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلار ۋە ماقالىلەر ئاساسىدا چىقىرىلغان. بۇ خىلدىكى دوكلاتلارنىڭ بىرى ئېلان قىلىنغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا « ئەسكەرلەردە ئەۋج ئېلىۋاتقان روھىي بېسىم ۋە جىددىيلىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئەسكەرلەرگە پسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى» دېيىلىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «بىر پەرزەنتلىك ئائىلىلەر» دە چوڭ بولغان خىتاي ئەسكەرلىرى توختاۋسىز داۋام قىلىۋاتقان ھەربىي ئورۇنلاشتۇرما، ئۆزگىرىشچان ھەربىي سەپەرۋەرلىك ۋە قاتتىق سوغۇق بولىدىغان چېگرا رايونلاردا ھەربىي مەشغۇلات قىلىش سەۋەبىدىن ئىزچىل داۋام قىلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېغىر جىسمانىي پائالىيەتكە بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، شۇنداقلا بۇ سەۋەبتىن چۈشكۈنلۈك ۋە جىددىيلىككە گىرىپتار بولۇشنى باشتىن كەچۈرۈشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەر ئارىسىدا روھىي ساغلاملىققا مەنسۇپ كۆپلىگەن كېسەللىكلەر ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان.