خىتاي ئارمىيەسى ھىندىستان بىلەن تالاش-تارتىشتىكى قارا قۇرۇم كارىدورىدا مانېۋىر قىلدى
2024.03.29
خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» غا قاراشلىق قىسىملىرى يېقىندا ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھىندىستان بىلەن تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان قارا قۇرۇم كارىدورىدا ھەربىي مانېۋىر قىلغان ۋە مانېۋىردا راست ئوق ئىشلەتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىدا، ھەربىي مانېۋىرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 5200 مېتىر ئېگىز بولغان قارا قۇرۇم رايونىدا بولغانلىقى قەيت قىلىنسىمۇ، لېكىن مانېۋىرغا قاتناشقان ئەسكەرلەر سانى، مانېۋىرنىڭ كونكرېت قايسى جايدا ۋە قاچان بولغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان.
خەۋەرلەردە پەقەت شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا قاراشلىق قىسىملارنىڭ راست ئوق مانېۋىرى قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. ھالبۇكى، X (بۇرۇنقى تىۋېتتېر) تىكى ئىنكاسلاردا بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ھىندىستان بىلەن خىتاي تەرەپ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى تالىشىۋاتقان قارا قۇرۇم ئۆتكىلىدە بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ھىندىستانلىقلار تەرىپىدىن «شاكسگام جىلغىسى» (Shaksgam) دەپ ئاتالغان قارا قۇرۇم ئۆتكىلى، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى جامۇ-كەشمىرگە چېگراداش بولۇپ، تەخمىنەن 5200 كىۋادرات كىلومېتىرلىق بۇ زېمىن 1963-يىلى پاكىستان تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان بۇ زېمىندا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 26-مارتتىكى ۋىدىيولۇق خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مانېۋىردا قىسىملار قىيىنلىق نۇقتىسى يۇقىرى بولغان ئېگىزلىكتە ئۇرۇش مەشغۇلاتلىرىنى، جۈملىدىن يوشۇرۇنۇش، ئۇرۇش ئاپتوموبىللىرىنى رېمونت قىلىش، ئالاقە، رازۋېدكا، راداردا چارلاش، ئاكوپ قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەشقلەرنى قىلغان.
قارا قۇرۇم رايونىدىكى بۇ مانېۋىرنىڭ ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ يېقىندا ئارۇناچال پرادېش (Arunachal Pradesh) ئىشتاتىنى زىيارەت قىلىشى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى مودىنىڭ ئارۇناچال پرادېشنى زىيارەت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىن كېيىنلا باشلانغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ئارۇناچال پرادېش ئىشتاتىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى 1962-يىلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك چېگرا توقۇنۇشىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.