خىتاي كومپارتىيىسى خىتاي ئاساسى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېلەر ئاينىڭ 11‏-كۈنىدىن 13‏-كۈنىگىچە خىتاي كومپارتىيىسى خىتاي ئاساسى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە بىر مۇزاكىرە يىغىنى ئاچماقچىكەن. خەۋەردە مۇزاكىرە تېمىلىرىدىن بىرىنىڭ پارىخورلۇققا قارشى قانۇن لايىھىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن، ئەمما مۇزاكىرە تېمىسىنىڭ بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى ياكى چەكلەنمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، كېلەر يىلى مارت ئېيىدا خىتاينىڭ پارىخورلۇققا قارشى قانۇن لايىھىسىنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى» نامىدىكى قورچاق پارلامېنتتا ماقۇللىنىدىغانلىقى، مەزكۇر مۇزاكىرىنىڭ ئەنە شۇ قۇرۇلتايغا قارىتا بىر تەييارلىق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پارىخورلۇققا قارشى شوئارى 1980‏-يىللاردا باشلانغان ۋە شى جىنپىڭ دەۋردە بىر قىسىم ئەمەلىي قەدەملەر بېسىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەسىلىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتەلىگەن ياكى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغان ئەمەس. خىتاي كۆزەتكۈچىلىرىدىن خۇپىڭ بىر ماقالىسىدە، خىتايدا كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بىر پارتىيە تۈزۈمى ئاغدۇرۇلمىغىچە، خىتاي ئاساسى قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرقانداق بىر ئۆزگۈرۈشنىڭ پارىخورلۇقنى تۈگىتەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، نۆۋەتتە خىتايدا «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» يېرىم ئەسىردىن بۇيان قۇرۇق قەغەز ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسا، يېڭىدىن تۈزۈلگەن ياكى ئۆزگەرتىلگەن پارىخورلۇققا قارشى قانۇننىڭمۇ ئەمەلىي بىر رولىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.