خىتاي شىركىتى ئاۋسترالىيەدىكى غايەت زور چارۋىچىلىق مەيدانى - س كىدمان شىركىتىنى سېتىۋېلىش نىيىتىدىن يانغانلىقىنى بىلدۈردى.
س كىدمان شىركىتى ئاۋسترالىيەدە تامامەن چۆپ بىلەن بېقىلغان كالا گۆشلىرىنى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىدىغان، ئومۇمىي كۆلىمى جەنۇبىي كورېيەگە تەڭ كېلىدىغان چارۋا مەيدانى ئىكەن.
بۇ مەيداننى خىتايغا جايلاشقان داكاڭ ئاۋسترالىيە مەبلەغ سېلىش شىركىتى ۋە ئاۋسترالىيە يېزا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ سېتىۋېلىشقا تۇتۇنغان.
مەزكۇر خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر سودىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ مەنپەئىتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان ئىدى.
ئەينى چاغدا ئاۋسترالىيە مالىيە مىنىستىرى سكوت موررىسون ئەگەر بۇ سودا ئەمەلىيلەشسە كىدمان گۇرۇھىنىڭ 80 پىرسەنت پېيى خىتاي شىركىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاۋسترالىيە چەتئەل مەبلىغىنى قارىشى ئالىدۇ. ئەمما، بىز ئالدى بىلەن بۇ مەبلەغلەرنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە زىيانلىق ئەمەسلىكىگە چوقۇم ئىشەنچ قىلالىشىمىز كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر چارۋىچىلىق مەيدانىنى ئىككىنچى قېتىم سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى ئىكەن، ھالبۇكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇرۇنۇشمۇ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.
