خىتاي ئۆزىنىڭ 2 - ئاۋىئاماتكىسىنى ياساۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
2016.01.01
خىتاي پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2 - ئاۋىئاماتكىسىنى ياساۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاۋىئاماتكىنى خىتاينىڭ ئۆزى لايىھەلەيدىغانلىقىنى ۋە داليەن پورتىدا ياسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نى جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ 2 - ئاۋىئاماتكا قۇرۇلۇشى غەرب ۋە خىتاي بىلەن جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدا ئىختىلاپى بار قوشنا دۆلەتلەردە ئەندىشە قوزغايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاۋىئاماتكىنىڭ سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 50 توننا بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ J - 15 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئېلىپ يۈرىدىكەن. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ياڭ ياجۇن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، «خىتاينىڭ ئۇزۇن دېڭىز ساھىلى ۋە كەڭ دېڭىز تەۋەلىكى بار. بىزنىڭ دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىش، مەنپەئەتمىز ۋە ھوقۇقىمىزنى قوغداش خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى» دېگەن.
خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئارال ۋە خەلقئارا قاتناش لىنىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇق بارلىقىنى داۋا قىلىپ كەلگەن. ئەمما خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى ئۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا، رايوندىكى ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايسىيا، بىرۇنېي، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.
خىتاينىڭ ھازىرقى «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇكرائىناغا مىراس قالغان ماتورسىز تاشلاندۇق كېمە ئىدى. ئۇنى 1998 يىلى بىر خىتاي سودىگىرى ئاۋمېندا قىمارخانا ياسايمەن، دەپ سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كېمە خىتايغا كەلگەندە رېمونت قىلىنىپ، ئاۋىئاماتكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە باياناتچىسى ياڭ ياجۈن 2 - ئاۋىئاماتكىغا دائىر دېتاللار ۋە ئۇنىڭ قاچان پۈتۈپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.