خىتاي ئاخباراتى ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 5 يىلدا ئىككى مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر رايوندا يېقىنقى 5 يىلدا بىر مىليون 740 مىڭ ئادەمنىڭ نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدا ياشاشتىن قۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇمات ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پەيشەنبە كۈنى چاقىرىلغان نامراتلىقنى تۈگىتىش خىزمەت يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە، رايوندا نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدىكى ئاھالە سانى بىر مىليون 850 مىڭغا ئازايغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ، رايوننىڭ يېقىنقى يىللاردىكى سانائەت تەرەققىياتى،«زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ۋە شەھەرلىشىش تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى» ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا رادىكال ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىپ، رايوننىڭ ئۆي-مۈلك تەرەققىياتىغا كۆپلەپ مەبلەغ سالغان.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە، يېنىك سانائەت بازىلىرىنى قۇرۇپ، كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەپ چىققان. ئەمما بۇ ئۇيغۇر ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇلار، بۇ خىل تەرەققىيات «مۇھىت ۋەيرانچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ئىشسىزلىق كۈچىيىپ، قۇتقۇزۇشقا تايىنىپ ياشايدىغانلار كۆپەيگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

بىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، 2011-يىلى ئەڭ نامرات ناھىيەلەردىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى 3543 يۈەن بولغان بولسا، 2015-يىلى 6690 يۈەنگە يەتكەن.

لېكىن د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ سانلىق ستاتىستىكىسى گۇمانلىق، دېدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى 5 يىلدا ئۇيغۇرلار بىلەن رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىرىم پەرقى تېخىمۇ زورايغان.