ئامېرىكا خىتاينىڭ 5 ئاخبارات ئورگىنىنى «چەتئەل دۆلەت ۋاكالەتخانىسى» دەپ تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 5 خەۋەر ئورگىنىنى چەتئەللەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇئامىلە قىلىدىغان «چەتئەل دۆلەت ۋاكالەتخانىسى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 18-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە تارقاتقان باياناتتىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى بۇ ئورگانلار شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى، يەنى «CGTN» قانىلى، خىتاي خەلقئارا رادىيوسى، ئىنگلىز تىلىدىكى خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلىرى، يەنى «China Daily» ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى»، يەنى ئىنگلىزچە نۇسخىسى «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئامېرىكادىكى ۋەكىلى «خەيتيەن تەرەققىيات شىركىتى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يۇقىرىدىكى بۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشى، تەسىرى ئاستىدىكى ئورگانلار ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان بۇ ئورگانلارنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ مەزمۇن ۋە تەھرىرلىك قاتارلىقلاردا مۇتلەق كونترول قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇقىرىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى ئارقىلىق چەتئەللەردىكى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» تىزىملىكىگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «چەتئەل دۆلەت ۋاكالەتخانىسى» تىزىملىكى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «چەتئەل ۋاكالەتچىسى» تىزىملىكىدىن پەرقلىق ئىكەن. «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «چەتئەل ۋاكالەتچىسى ھەققىدىكى قارار» باشقا بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە تەۋە ب ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان مۇئەسسەسىلەرگە قارىتىلىدىكەن. بۇنداق تىزىملىككە ئېلىنغان ئورۇنلار خۇددى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلارغا ئوخشاشلا ئۆز ئورگىنىنىڭ پائالىيەتلىرى، مال-مۈلكى ۋە بۇ ئورگانلارغا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئۇچۇرى قاتارلىقلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەلۇمات قىلىپ تۇرۇشى كېرەككەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا مەزكۇر قارارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. چارشەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۈاڭ «ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنى سوغۇق ئۇرۇش پسىخىكىسى» دەپ تەنقىد قىلىپ، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.