سۇزان رايس بىلەن جاۋلىجيەن ئارىسىدىكى سۆز ئۇرۇشىغا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتىمۇ ئارىلاشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى جاۋ لىجيەننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبىدىن تىۋىتتىردا ئامېرىكىغا ھاقارەت قىلىشى بىلەن باشلانغان سۆز ئۇرۇشىغا خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» مۇ ئارىلاشتى.

10‏-ئىيۇل كۈنى، ب د ت قارمىقىدىكى 22 ئەزا دۆلەت ئىمزالىق مەكتۇپ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان نازارەت ۋە تەقىبلەشنى ۋە شۇنداقلا زور كۆلەملىك تۇتقۇننى دەرھال توختىتىشقا، ب د ت ۋە باشقا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايوندا ھەقىقىي يوسۇندا توسالغۇسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغانىدى.

بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى جاۋ لىجيەن ئۆزىنىڭ تىۋىتتىردىكى ھېسابى ئارقىلىق نېمىشقىدۇر تىغ ئۇچىنى ئامېرىكىغا قاراتقان. ئۇ تىۋىتىتىردا ئامېرىكىدا «ئاق تەنلىكلەرنىڭ قارا تەنلىكلەرنى قاتتىق كەمسىتىدىغانلىقى»، «ئۇلار ئولتۇرغان مەھەللىلەردىن كۆچۈپ كېتىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

جاۋ لىجيەن تىۋىتتىردا يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ئېغىر مەسىلىسى بولغان 37 دۆلەتنىڭ يۇقىرىدىكى 22 دۆلەتكە قارشى خىتاينى قوللاپ مەكتۇپ يازغانلىقىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ، «مانا بۇ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاق» دېگەن.

بۇنىڭ بىلەن، 15-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايس يەكشەنبە كۈنى جاۋ لىجيەنگە تىۋىتتىردە ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۇنى: «رەزىل ئىرقچى» دېگەن. شۇنداقلا جاۋلىجيەندەك كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا چىگراسىدىن كىرگۈزۈلمەيدىغان كىشىلەر تىزىملىكىگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىپادە قىلغان. سۇزان رايىس يەنە خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇي تيەنكەيگە چاقىرىق قىلىپ، جاۋ لىجيەننىڭ خىتايغا چاقىرتىپ كېتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بولسا 16-ئىيۇل كۈنى جاۋلىجىيەننى قوللايدىغان ماقالە ئېلان قىلىپ، يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلغان. «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ھەتتا يەنە پرېزىدېنت ترامپنىمۇ «ئىرقچى» دەپ ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، «ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقى» نى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن 2018-يىلى چېكىنىپ چىققان بولۇپ، ئۇ يۇقىرىدىكى خىتايغا قارشى ئىمزا قويغان 22 دۆلەت ئىچىدە بولمىسىمۇ نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقى نامەلۇم.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۆزى خىتاي ئىچىدە تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تور بەتلەرنى تاقىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جاۋلىجىيەن ۋە سۈي تىيەنكەيگە ئوخشاش بىر قاتار دىپلوماتلىرى ھازىر بۇ تورلاردا تۇشمۇتۇشتىن ھېساب ئېچىپ، ئۇنىڭ-بۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقتىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاندا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان جاۋ لىجىيەن دەسلەپتە تىۋىتتىردا «مۇھەممەد جاۋلىجىيەن» دېگەن ئىسىم بىلەن ھېساب ئاچقان. كېيىن 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلامچە ئىسىملارنى چەكلىگەندىن كېيىن ئۇ مۇھەممەد دېگەن ئىسىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت