خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم خەلقئارالىق بايراملارنى قىسقارتىپ، خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي بايراملىرىنى تىرىلدۈرمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.12.03


خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى 1-دېكابىر كۈنى «2017-يىلىدىكى قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلغان.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2017-يىلىدىكى بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرى پۈتۈن خىتايدىكى ئۆلكە، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلار ئۈچۈن بىر تۇتاش چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىللىي تېرىتورىيەلىك رايونلارنىڭ خاسلىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايراملىرى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئىلگىرى بېكىتىلگەن بىر قىسىم خەلقئارالىق بايرام كۈنلىرى قىسقارتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي بايراملىرى سەپلەنگەن.

بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، تاڭزوڭزا بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنى قاتارلىق ئەنئەنىۋىي مىللىي بايراملىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مەخسۇس دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش بەلگىلەنگەن.

خەلقئارا بايراملاردىن پەقەتلا يېڭى يىل كۈنى بىلەن ئەمگەكچىلەر بايرىمى ئېلىپ قېلىنغان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن دۆلەت مىقياسىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بىرەرمۇ مىللىي بايرام تىلغا ئېلىنمىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان خەلقئارا بايراملارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بايراملىرىنى سەپلىشى خىتايدا كۈنسايىن ئۇلغىيىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ بىر روشەن ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.