خىتاي ب د ت نىڭ ئ‍ۇيغۇر قۇل ئەمگىكى ھەققىدىكى دوكلاتىغا «يالغانچىلىق» دەپ ھۇجۇم قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 17-ئاۋغۇست ب د ت نىڭ بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان ئۇيغۇر رايونىدا قۇل ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارىغا ھۇجۇم قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ب د ت تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى تومويا ئوبوكاتانى «خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدا توقۇپ چىققان يالغانچىلىقى ھەم ساختا ئۇچۇرىغا ئىشىنىش» بىلەن ئەيىبلىگەن. ھالبۇكى، تومويا ئوبوكاتا 17-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە زامانىۋى قۇل ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، بۇنىڭ «مۇۋاپىق بىر خۇلاسە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنىڭ نۇرغۇن ئىپادىلىرى بار بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى بايقاشلار «مەۋجۇت ئۇچۇرلار ئاساسىدا مۇستەقىل باھالاپ چىقىلغان» ئىكەن. بۇ، ب د ت نىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.

ۋاڭ ۋېنبىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات يىغىنىدا، «بۇ دوكلاتتا بەزى ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر <ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ۋە خىتايغا قارشى قارشى كۈچلەر توقۇپ چىقارغان شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك يالغان ۋە ساختا ئۇچۇرلارغا ئىشەنگەن. ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئالاھىدە مېخانىزمىنىڭ ھەرىكەت مىزانىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغان» دەپ ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا ئۇ ، بۇ خىل «خىتايغا غەرەزلىك قارا سۈركەش ۋە خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ سىياسىي قورالى بولۇش»نى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدە كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى مەركەزلىرى ۋە يۆتكەپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل پەرقلىق مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى بارلىقى تەكىتلەنگەن.