خىتاينىڭ ب د ت دىكى «خەتەرلىك تەسىرى» نى ئاشكارىلىغان ئېمما رايلى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن

ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئاز دېگەندە ئىككى باشلىقىغا پارا بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاينىڭ دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەر ۋە باشقىلارنىڭ ئىسمىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن.

16-ئاپرېل كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ۋە پاش قىلغۇچى ئېمما رايلى (Emma Reilly) ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى پارلامېنت تەرىپىدىن يازما شەكىلدە ئېلان قىلىنغان.

ئېمما رايلى گۇۋاھلىق سۆزىدە، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىدا خىتايغا «ئالاھىدە مۇئامىلە» قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ب د ت دا «خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق بولغان خەتەرلىك ۋەزىيەت بارلىقىنى» ئېيتقان.

ئۇ ئىسپاتىدا يەنە، «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى فىرانسىيە پۇقراسىدىن بولغان ئەمەلدارنىڭ خىتايغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىسمىنى تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ب د ت نىڭ ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بولسا ئەزا دۆلەتلەرگە قەستەن يالغان ئېيتىپ، ئەمەلىيەتنى يوشۇرماقچى بولغانلىقىنى» دېگەن.

ئېمما رايلى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا پارا بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سىجىل تەرەققىيات ھەققىدىكى دوكلاتىدىكى مەزمۇنلارغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، ب د ت ئورگانلىرىغا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەسلىك ھەققىدە مەخپىي شەرت قويغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان.

16-ئاپرېل كۈنىدىكى ئىسپات يىغىنىدا يەنە، ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار، ئورتاق گەۋدە ۋە تەرەققىيات ئىشخانىسى (FCDO) نىڭ دوكلاتىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار دوكلاتىدا «خىتاي ب د ت دىن ئىبارەت بۇ كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنى ئۆز دۆلىتىنى مەركەز قىلغان، مۇستەبىت دۇنيا قارىشىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ باھالىغان.