خىتاي بىلەن بېلورۇسىيە ناتو دۆلەتلىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن
2024.07.09
ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى يىغىنى 9-ئىيۇن كۈنى باشلىنىش ئالدىدا، خىتاي بىلەن بېلورۇسىيە ناتو، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چېگراسىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.
CNN تورىنىڭ 9-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن بېلورۇسىيەنىڭ 11 كۈنلۈك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلانغان بولۇپ، بېلورۇسىيە-پولشا چېگراسىدىكى برېست شەھىرىگە يېقىن مەشىق مەيدانىدا ۋە مىنسىكنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان چېگراسىدىن 40 ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ ئىككى يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەندە ئېلىپ بېرىلغان بۇ مانېۋىر، گىئو-سىياسىي بۆلۈنۈش ۋە رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىگە داۋاملىق تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بايانات بېرىپ، بۇ بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ «تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ مانېۋىرىنىڭ باشلىنىشى، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىنىڭ ۋارشاۋا زىيارىتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇ پولشانىڭ باش مىنىستىرى دونالد تۇسك بىلەن خەۋپسىزلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان.
ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزۇندىن بۇيان بېلورۇسىيەنى ئۈچىنچى دۆلەتتىن پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن پايدىلىنىپ چېگرانى قوراللاندۇردى، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن. بېلورۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيەنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى، شۇنداقلا بۇ قېتىم خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن دۆلەت. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئالدىنقى ھەپتە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا بېلورۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشكەندە، بېلورۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرگەنلىكىنى ئالقىشلىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان؛ شۇ سەۋەبتىن بۇ بىرلەشمە مانېۋىر خىتاي بىلەن بېلورۇسىيەنىڭ بىرلىشىپ، ياۋروپاغا، جۈملىدىن ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرگە قىلىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكى دەپمۇ قارالماقتا ئىكەن.









