قىرغىزىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىشكەكتىكى پارتلاش بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىغا مۇساپە قويدى

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى، 30‏-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئۇچرىغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىغا مۇساپە قويۇپ، تېررورلۇقنىڭ مىللىي چېگراسى بولمايدۇ، دېدى.

قىرغىزىستان ئاخباراتى 30-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلارغا باغلىغان، ئارقىدىنلا قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ھۇجۇمنى تاجىكىستان پاسپورتلۇق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھۇجۇم بۇيرۇقىنى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر غازاتچى گۇرۇھلارنىڭ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

قىرغىزىستان ئاخباراتى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ھۇجۇمچىنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. مەزكۇر تەشكىلات ۋەقەدىن كېيىن دەرھال مەركىزى كېڭەش ھەيئەتلىرى ۋە ھەر قايسى رايونلار يىگىت باشلىرىنىڭ جىددىي يىغىنىنى چاقىرغان. ئۇ يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ ھۇجۇمنى تەنقىدلەپ، تېررورلۇقنىڭ مىللىي چەك-چېگرىسى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى مۇنداق جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانداق كۆرۈنۈشتە بولمىسۇن ئەيىبلەيدۇ. تېرروردا مىللىي چېگرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئىنسانىيەت ۋە ئىسلامنىڭ ئەنئەنىۋى تەلىماتلىرىغىمۇ تامامەن توغرا كەلمەيدۇ.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ مەزكۇر ھۇجۇمنى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.