خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى ۋە شەرقىي-جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئامانلىقنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاينىڭ شەرقىي-جەنۇبىي چېگراسى يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ سىياسىي ۋە دىنىي باستۇرۇشىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىدىكى بىردىن-بىر قانال بولۇپ قالغان ئىدى.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى جاۋ كېجى يېقىندا قوراللىق ساقچى، چېگرا مۇداپىئە ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىنغا چاقىرغان. ئۇ يىغىندا خىتاينىڭ دېڭىز بويى ۋە ۋىيېتنام، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدىغان غەربىي-جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق «خىتاي ساقچى تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، جاۋ كېجى 30-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ «چېگرا ۋە دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى تەلەپ قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ نىشانلىق تەلىمات خىتاينىڭ بۇ رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن تېخىمۇ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشقا، كىشىلىك بىخەتەرلىكىنىڭ تېخىمۇ خەۋپ ئاستىدا قېلىشىغا يول ئاچىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاي ئۆلكىلەردىكى مېھمانخانىلاردا قونغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنى يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشنى يولغا قويغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا 2017-يىلى چېگرادا «تېررورلۇق» بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 2016-يىلقىدىن 10 ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما بۇنىڭغا دائىر قايىل قىلارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.