خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭى ھەققىدىكى تەشۋىقات ئۇرۇشىدا، موڭغۇللارنىڭ مىللىي قەھرىمانى چىڭگىزخاننى يەنە بىر قېتىم خىتاي ئۈچۈن «تەھدىت» كە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
«بلۇمبېرگ» تورىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 13-ئەسىردە ھازىرقى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زېمىنلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيەنى قۇرۇپ چىققان چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار ھازىر خىتاي كونتروللۇقىدىكى ئىچكى موڭغۇل رايونىدا چەكلىنىشكە باشلىغان. خۇخخوت شەھىرىدىكى تارىخ مۇزېيىدىن يەر ئالغان چىڭگىزخاننىڭ ھەيكىلى ھەمدە موڭغۇل ئىمپېرىيەسى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش تاختىلىرى ئېلىۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشكارا سورۇنلاردا «مىللىي قەھرىمان چىڭگىزخان» ھەققىدە سۆز قىلىش مەنئى قىلىنىشقا باشلىغان.
ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ نەزىرىدە «مىللىي پەرق» دېگەن چۈشەنچە ھەرقاچان چەت ئەلدىكى «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ خىتاينى پارچىلىشىدىكى «مىللىي خەتەر ئامىلى» دېگەن مەنە بىلەن باراۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر موڭغۇللارنىڭ تارىخى قايتا يېزىلىشقا باشلىغان؛ خىتاي نوپۇسى ئاللىقاچان 80 پىرسەنتكە يېقىنلاپ قالغان ئىچكى موڭغۇل رايونىدا موڭغۇلچە تىل-يېزىق مەنئى قىلىنىشقا باشلىغان. 2022-يىلى خىتاي دائىرىلىرى يېڭى سىياسەت ئېلان قىلىپ، خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان. بۇ ئەھۋاللار ئاللىقاچان ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى بۇنى «شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر خۇددى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە تەلەپ قىلغۇچىلارغا ئوخشاشلا خەتەرلىك» دەيدىغان چۈشەنچىسىنىڭ ئەكس ئېتىشى، دەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى مىللىي پەرقلەرنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» چۈشەنچىسى ئارقىلىق ئېرىتىپ تۈگىتىش ئۇرۇنۇشى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئوخشىمىغان شەكىللەردە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازلىرىدىن بولغان مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ئوپالدىكى ھەيكىلىمۇ مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىۋېتىلگەن. ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى «ئۇيغۇر ئوبرازىنى ئۆچۈرۈش» ئۇرۇنۇشىنىڭ ھېلىھەم جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
