«پاناما ھۆججەتلىرى» ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا چېتىشلىق مەخپىيەتلىكلەرمۇ ئاشكارا بولغان
2016.04.04
يېقىندا باش شىتابى پانامادىكى «موسساك فونسېكا» قانۇن مۇلازىمەت شىركىتى دۇنيادىكى 140 تىن ئارتۇق سىياسىئوننىڭ باج ئوغرىلىغان ياكى قانۇنسىز توپلىغان مال - مۈلكىگە چېتىلىدىغان 11 مىليون پارچىدىن ئارتۇق مەخپىي ھۆججەتنى بىراقلا ئاشكارىلىغان.
بۇ مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ۋە ئالدىنقى قارار دائىمىي ھەيئەتلىرىدىن 8 كىشىگە چېتىلىدىكەن.
ئۇنىڭدا شى جىنپىڭ ئائىلىسىنىڭ كۈيۆئوغۇللىرىدىن دېڭ جياگۇينىڭ 2009 - يىلى برىتانىيەگە قاراشلىق ۋىرجىن ئارىلىدا قۇرغان ئىككى چوڭ شىركىتى ۋە بۇ شىركەت ئايلاندۇرۇۋاتقان غايەت زور پۇلغا دائىر مەخپىي ھۆججەت ئاشكارا قىلىۋېتىلگەن.
ئۇندىن باشقا سابىق خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ، سابىق خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن قاتارلىقلارنىڭ بالا - چاقىلىرى چەتئەلەردە قۇرغان شىركەتلەر ھەمدە ئۇلار ئايلاندۇرۇۋاتقان ھەددى - ھېسابسىز پۇل - ماللارغا دائىر ھۆججەتلەرمۇ ئاشكارا قىلىنغان.
«پاناما ھۆججەتلىرى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ مەخپىي ھۆججەتلەر مەنبەسى ئەڭ دەسلەپ گېرمانىيەدە چىقىدىغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» ئارقىلىق دۇنياغا بىلىنگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق تارتىشمىلار ۋە قىزىق تېمىلارغا سۈكۈت قىلماقتىكەن.









